ھاققارىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
ھاققارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بىر ساقچى شېھىت بولدى.
1025805
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چوبانپىنار مەشكان تەپە رايونىدىن قايتىۋاتقان ساقچىلار ئولتۇرغان «كىرپە» تىپلىق بىرونىۋىك ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تېررورچىلار يولغا كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان. پارتلاشتا بىرى ئېغىر بولۇپ، 9 ساقچى يارىلانغانىدى.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان ساقچى يۈكسەكئوۋا دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.