چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو كونو ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ سىنگاپوردا چاقىرىلغان 51 – نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو كونو بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇچرىشىشتا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كونو تۈركىيە – ياپونىيە ھەمكارلىق ساھەلىرى، سىنوپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسى ھەمدە تۈركىيە – ياپونىيە ئىلىم – پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئۇچرىشىشتا يەنە، سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە – ياپونىيە ھەمكارلىقىدا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو كونو بىلەن سىنگاپوردا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ زارىف بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، ۋېيتنام مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پخان بىڭمىڭ بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.