34 مىڭ سۈرىيەلىك ياشاۋاتقان پاناھلىنىش مەركەزلىرى تاقىلىدۇ

غازىئانتەپ، ئادىيامان ۋە ماردىندا 34  مىڭ سۈرىيەلىك پاناھلىنىۋاتقان پاناھلىنىش مەركىزلىرى تاقىلىدۇ.

1024814
34 مىڭ سۈرىيەلىك ياشاۋاتقان پاناھلىنىش مەركەزلىرى تاقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام ھارپىسىدا قىلغان: «سۈرىيەلىك مېھمانلىرىمىزنى ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر ساھەلەردىكى ئۆي – ماكانلىرىغا قايتۇرۇش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن تۇنجى قەدەم تاشلاندى.

غازىئانتەپ، ئادىيامان ۋە ماردىندا سۈرىيەلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان 5 ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزلىرى تاقىلىدۇ، بۇ مەركەزلەردىكى 34 مىڭ 180 مۇساپىر چېگرا رايونلىرىدىكى يېڭى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر