جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا سودا – سانائەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

10 – نۆۋەتلىك بىرازىلىيە – رۇسىيە – ھىندىستان – خىتاي – جەنۇبىي ئافرىقا (كېسەك ئالتۇن) دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە دۆلەتنىڭ داڭلىق كارخانىچىلىرى بىلەن ك

1021319
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا سودا – سانائەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ۋە تۇنجى پىرېزىدېنتى نېلسون ماندېلانى ئەسلەپ ئۆتتى، ئاندىن، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانلىرىغا يېتىشىدە، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىگە ئوخشاشلا سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سودا - سانائەتچىلەر قوللىمايدىغان ۋە مۇھىم رول ئوينىمايدىغان ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 16 يىل ئىچىدە ناھايىتى زور ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە سىياسىيونلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشقان، خەۋپكە ئۆزىنى ئاتقان، ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلغان كارخانىچىلارنىڭ ھەسسىسىنىڭ ناھايىتى يۈكسەك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 2002 – يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات  تارىخىدىكى ئەڭ زور  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كلەتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەتراپىمىزدىكى بارلىق مۇقىمسىزلىقلارغا، توقۇنۇشلارغا، قىيىنچىلىقلارغا، بېشىمىزدىن كەچۈرگەن قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، دۆلىتىمىز 2017 – يىلى % 7.4 تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز 20  - گ گۇرۇھى ئەزالىرى ئارىسىدا بىرىنچى، OECD ئەزالىرى ئارىسىدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئېرىشتۇق. تارىخىمىزدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشىمىزغا قارىماي، بىر ئىزدا توختاپ قالمىدۇق، چۈنكى بىزنىڭ ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە تېگىشلىك نۇرغۇن ئېگىزلىكلەر بار. بىز ھەر دائىم تېخىمۇ ياخشى ئەۋزەللىكلەرگە، تېخىمۇ پارلاق كېلەچەككە، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىش يولىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئومۇمەن، ئافرىقا قىەتئەسى، خۇسۇسەن، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدىمۇ مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى 16 يىل ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىراق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 2.2 مىليارد  دوللارلىقسودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ، ئافرىقىنىڭ ھەقىقىي دوستى، مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ نىشانىمىز، بىرلىكتە قازىنىشتۇر، بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتۇر.»

كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ئەردوغان، ئافرىقىلىق سودا – سانائەتچىلەرگە خىتابەن مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئىشىنىشىڭلارغا، تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش شارائىتىنىڭ ئەۋزەللىكىگە ئىشىنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر