ئەرزىنجان بىلەن ۋاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

ئەرزىنجان ۋە ۋان ۋىلايەتلىرىدە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان 156 چەت ئەللىك كۆچمەن تۇتۇلدى.

1016201
ئەرزىنجان بىلەن ۋاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزىنجاننىڭ ئۈزۈملۈ ناھىيەسىدە 55 چەت ئەللىكنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرزىنجان-ئەرزۇرۇم تاشيولىنى تەكشۈرۈۋاتقان ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، ئالدى ئەينىكىگە "مەخسۇس خىزمەت ئاپتوموبىلى" دېگەن خەت يېزىلغان گۇمانلىق بىر مىنبۇسنى كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان. قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى بىر مەزگىل كۆزەتكەندىن كېيىن مىنبۇسنى توختاشقا بۇيرۇق قىلغان، بىراق مىنبۇس قېچىشقا باشلىغان. گۇمانلىق مىنبۇس ئاخىرى ناھىيەگە كىرىش نۇقتىسىدا مەجبۇرىي توختىتىلغان.

قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى چاقلىرىدىن ئىس چىقىشقا باشلىغان 14 كىشىلىك مىنبۇستىن كۆپىنچىسى ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەردىن تەشكىل تاپقان، ئارىسىدا پاكىستانلىق ۋە باڭلادىشلىقلارمۇ بولغان بىر كىچىك بالا، ئىككى ئايال بولۇپ، جەمئىي 55 كۆچمەننى تۇتقان. مىنبۇسنىڭ شوپۇرى ئايتاچ .ي (38 ياش) نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

كۆچمەنلەر ئۈزۈملۈ ناھىيەلىك دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىگە تاپشۇرۇلغان. مىنبۇسنىڭ شوپۇرى ئەرزىنجان ئەدلىيە ئىدارىسىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

ۋان ۋىلايىتىنىڭ باشكالە ناھىيەسىدىمۇ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان 101 چەت ئەللىك تۇتۇلغان.

باشكالە ئەشمەپىنار قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى چارلاش جەريانىدا مەيداندا ئىككى گۇرۇپپىدىن گۇمانلانغان ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان. ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن كەلگەن، 14 ئايال، 11 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر باشكالە ناھىيەلىك دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر