تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە-گوللاندىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېلىنغان قارار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1016262
تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى دائىرەسىدە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك بىلەن كۆرۈشۈپ، 2017-يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالغان ئۇ كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە تايانغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: "كۆرۈشۈشىمىزدە مۇناسىۋەتلىرىمىزىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاش ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماڭا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. مەكتۇپتىن كېيىن تېلېفوندا كۆرۈشتۇق ۋە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. بۇ رامكىدا، تۇنجى قەدەم سۈپىتىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشنى قارار قىلدۇق. باش ئەلچىلىرىمىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا تەيىنلەش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان پىلانلارنى بەلگىلەش ئۈچۈن ستېف بلوكنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدىم. بۇ زىيارەت پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى" دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيەدە 450 مىڭ تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، تۈركىيەدە ئەڭ چوڭ بىۋاستە مەبلىغى بولغان گوللاندىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئوڭشاشتا، تاشقى سىياسەتتە ھەر دائىم بولغىنىدەك مىللىي مەنپەئەتلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ھەرىكەت پىلانىنىڭ بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلى تۈركىيەدىكى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇم مەزگىلىدە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ نۇتۇق سۆزلەشنى پىلان قىلغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈش رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئىدى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا يەنە، ئەينى ۋاقىتتا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسەتلىرى مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان كاياغىمۇ 2017-يىل 11-مارت روتتېردامدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى تۇتۇپ، ئۆزىنى ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا گېرمانىيەگە كېتىشكە مەجبۇرلىغان.

تۈركىيە بۇنىڭغا قارىتا، چەت ئەلدە ساياھەت قىلىۋاتقان گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسىنى تۈركىيەگە قايتىشىنى چەكلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى "مەسلىھەتخانا" دەرىجىسىگە تۆۋەنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر