تۈركىيەگە ساختا ماتېرىياللار بىلەن كىرگەن ئونلارچە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

مالاتيانىڭ دارەندە ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان 71 چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

1015331
تۈركىيەگە ساختا ماتېرىياللار بىلەن كىرگەن ئونلارچە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالاتيا – قەيسەرى تاش يولىدا تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى، بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ يولۇچىلار ئاپتوبوسىنى توختىتىپ يولۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپ سانلىقى پاكىستانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان 71 كىشىنىڭ ساختا ماتېرىياللارنى تەييارلاپ قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى بايقىدى.

ساقچىلار تەرىپىدىن ناھىيە مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلىپ ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى تەييارلاپ بېرىلگەن مەزكۇر چەت ئەللىكلەر، ئارقىدىن دارەندە خۇلۇسى ئەپەندى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كىملىكلىرىنى تىزىمغا ئېلىش ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.

رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن مەزكۇر چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر