ئەردوغان بىلەن ترامپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1013483
ئەردوغان بىلەن ترامپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى ۋە سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ مۇنبىچ مەسلىسىگە دائىر ئورتاق يول خەرىتىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىققا مۇھىم ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

ئىككى رەھبەر ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ھەممىلا ساھەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر