جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

1012332
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ « F-35 » تىپلىق ئايروپىلانلارنى تۈركىيەگە ۋەدە بويىچە دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشتە ھېچقانداق بىر مەسىلىنىڭ كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، يىغىندا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىنى قوللاش توغرۇلۇق بىر قارار ماقۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا ھەربىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭمۇ مۇئاۋىن باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن بىلەن كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، جۈملىدىن، ئۇچرىشىشتا، ھەم ئىككى تەرەپلىك ھەم رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، پەمىمچە، بۇ مەزگىلدە ئىتالىيە بىلەن تېخىمۇ ھەرىكەتچان ۋە ئۈنۈملۈك بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىمىز.»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆچمەنلەر كېلىشىمى ۋە مىللىي سوتسىيالىست يەر ئاستى تەشكىلاتى (NSU) داۋاسى توغرۇلۇق ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گېرمانىيەدە 11 – ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشقان داۋا توغرۇلۇق مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مېركېلگە، بۇ داۋا توغرۇلۇق چىقىرىلغان قارارنىڭ قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا، بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتۇق، بۇ بىر خىل گلادىئو ۋەقەسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى تېگى – تەكتىدىن تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە پەقەت بىر ئايال جاۋابكارغىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى ۋەقەگە قۇربان كەتكەن ئائىلىلەرنى قايىل قىلالمايدۇ. دەرۋەقە، بىز بۇ ۋەقەگە ئاددەتىكى بىر ھادىسىدەكلا قارىمايمىز. شۇڭا، گېرمانىيە دائىرىلىرىگە بۇ ۋەقەنىڭ كەڭ دائىرىلىك  تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق. ئۇلارنىڭ قارىشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش. مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىنسانلارنىڭ سانى ھەممىگە ئايان. سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان قارارىدا پەقەت بىر كىشىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، قالغانلىرى 10 يىللىق، 5 يىللىق، 2 يىللىق ۋە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇنداق قارار ئەلۋەتتە ۋەقەنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىمۇ، بىزنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ. بۇنى مېركېلگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا يەتكۈزدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىنىڭ ۋە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق. بولۇپمۇ گېرمانىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىز تۈگىگىنى يوق. ئۇچرىشىشىمىزدا، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ستېينمېيېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىل گېرمانىيەگە قىلىدىغان زىيارەت توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ زىيارەت جەريانىدا باش مىنىستىر مېركېل بىلەن گېرمانىيەدە تەكرار كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر