ئىزمىردە نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى
ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى ساھىللىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 58 چەت ئەللىك كۆچمەن قولغا چۈشتى.
1011218
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى قارائابدۇللاھ سالىھىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 34 ى سۈرىيەلىك، 20 سى ئىراقلىق، 2 سى پەلەسىتنلىك، 2 سى يەمەنلىك بولۇپ، جەمئىي 58 چەت ئەللىك كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.
ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.