شىمالىي ئىراقتا ۋە شىرناقتا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل، ئاۋاشىن – باسيان ۋە گارايا رايونلىرىدا ھەمدە شىرنانىڭ ھەرقايسى يېزا - قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1005233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 3 – 4 – ئىيۇل كۈنلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل، ئاۋاشىن - باسيان ۋە گارايا رايونلىرىدا ھەمدە شىرناقنىڭ ھەرقايسى يېزا - قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جايلار، قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.