تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە سايلام  بېلەتلىرى ساندۇقلىرى بار ئامبارغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1004092
تۈركىيە كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كەركۈكتە سايلام بېلەتلىرى بار ئامبارغا قىلىنغان، بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋە 21 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەزكۇر ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، مۇناسىۋەتلىك ئىراق دائىرىلىرىنىڭ كەركۈكتىكى سايلاملار توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققان ھىيلە ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلارغا ئالاقىدار دەۋالارنى تەكشۈرۈپ، ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى، ۋىلايەتتە ئامانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ئىراقتا 12 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامغا بولۇپمۇ كەركۈك ۋە باشقا ئىراق شىمالىي رايونلىرىدا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار كۆلەڭگە چۈشۈرگەنىدى. شۇڭا، ئىراق پارلامېنتى بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن سايلام بېلەتلىرىنى قول بىلەن ساناش توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر