تۈركىيە – سومالى بېلىقچىلىق ھەمكارلىقى

تۈركىيە بىلەن سومالىنىڭ بېلىقچىلىق ۋە مەدەنىيەت بېلىقچىلىقى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى «رەسمىي گېزىت» تە ئېلان قىلىندى.

1000944
تۈركىيە – سومالى بېلىقچىلىق ھەمكارلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رەسمىي گېزىت» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن سومالى كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن سۇ جانلىق مەنبەلىرىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پايدىلىنىش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدىكەن. سۇمالى فېدېرال بېلىقچىلىق ۋە سۇ مەنبىلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئىگە تۈركىيە بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنىڭ سومالى سۇ تەۋەلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

تۈركىيە بىلەن سومالى، بېلىقچىلىق، مەدەنىيىت بېلىقچىلىقى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، تېخنىكىلىق ئۇچۇر ۋە ھۆججەت ئالماشتۇرۇش، بېلىقچىلىقتا مۇھىم كونتىرول سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىدىكەن.

تەرەپلەر كېلىشىم لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ئورتاق بېلىقچىلىق كومىتېتى قۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر