ئەردوغاننى تەبرىكلەش باياناتلىرى ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنماقتا

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ۋە تۈرك خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

999130
ئەردوغاننى تەبرىكلەش باياناتلىرى ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قاراتاغ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: "تۈرك خەلقىنى، مەدەنىي ۋە پەخىرلىنەرلىك سايلام جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز" دېدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يۇسۇف قەرزاۋى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا پايدىلىق مەسىلىلەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قوللاپ، ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئىخۋانى مۇسلىمىن) نىڭ رەئىسى مۇھەممەد ۋەلىد ھىكمەت تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سايلامدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ، تىنچلىق، ھۆررىيەت، ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرراھمان مۇستافا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلامدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇ غەلىبە، تۈرك خەلقىنىڭ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئىسپاتىدۇر."

ئۇ باياناتىدا، تۈرك خەلقىنىڭ سۈرىيە خەلقىنى دېموكراتىك ۋە ئەركىن دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يۇقىرى ئورنىنى كۆرسىتىدىغان دېموكراتىك ۋە ئەركىن سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك خەلقىنى تەبرىكلىدى.

سۇداننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي كونگرە پارتىيەسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلاملاردىكى مۇۋەپپەقىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى. سۇدان مىللىي كونگرە پارتىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

"تۈرك خەلقىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان ئىشەنچ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە پارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ."

قاتار خەلقى تۈركىيەدىكى سايلامغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. قاتار ئەمىرىنىڭ سىڭلىسى شەيھا ئەلمەياسە بىن ھامىد ئالسانى تۋىتتېردا: "تۈرك خەلقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ۋە تۈرك خەلقىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلارغا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە باياشات بولۇشىنى تىلەيمىز" دېدى.

قاتار ئەمىرىنىڭ ئىنىسى جۇئان بىن ھامىد ئالسانىمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى. ئۇ باياناتىدا، تۈرك خەلقىنىڭ يېڭىدىن تارىخىي رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھەمدە خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك لايىھەلىرىنى قوللايدىغان سايلام ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قاتار خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىنى بۇ مۇۋەپپەقىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر