چەت ئەل رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سايلامدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

998761
چەت ئەل رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، "سايلامدىكى زور غەلىبىسى" مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:

"رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى، ئىقتىسادىي ساھەدە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئورنى تېخىمۇ كۈچلەندى."

رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە ۋە تەبرىكلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقان.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ دۆلەت پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى بەكىر ئىززەتبېگوۋىچ، ئالبانىيە پىرېزىدېنتى ئەدى راما ۋە ۋېنگرىيە پىرېزىدېنتى ۋىكتور ئوربان، پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن، ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ، قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھاماد ئەسسانى، سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج، ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى جورج ئىۋانوۋ ۋە كۈۋەيت ئەمىرى ساباھ ئەلئەھمەت ئەلجابىر ئەلساباھ قاتارلىق رەھبەرلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەن.

تۈركىيەدىكى ئەرمەنلەر پاترىكلىرى ۋەكىلى ئارام ئاتەشيان، ئەرمەن كاتولىكلىرىنىڭ رۇھانى رەھبىرى لېۋون زەكىيان، ئەرمەن ۋەخپىلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەدروس شىرىنئوغلۇ، يەھۇدىيلار ھاھامباشى ئىسھاق ھالېيا، تۈركىيە يەھۇدىيلىرى جامائىتىنىڭ رەئىسى ئىسھاق ئىبراھىمزادە قاتارلىق كىشىلەرمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر