تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى پ ك ك نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ ھاكۇرك ۋە كانى راش رايونلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ توققۇز ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
997360
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر بېتىدە ھەمبەھىرلەنگەن بىر خەۋەردە، ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2018-يىلى 21-ئىيۇن (پەيشەنبە) تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ تېررورىستلارنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتى، پاناھلىنىش جايلىرىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقى، توققۇز تېررورىستنىڭ بولسا، ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.