رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان 3-ئايرودۇرۇمغا قوندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولتۇرغان "TC-ANK" ناملىق ئايروپىلان 21-ئىيۇن (پەيشەنبە)، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل 3-ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

997199
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان 3-ئايرودۇرۇمغا قوندى
istanbul yeni havalimani3.jpg
istanbul yeni havalimani2.jpg
istanbul yeni havalimani1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: "TC-ANK" ناملىق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان ئۇزۇنلۇقى 3750 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان ۋە بارلىق قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان ئۇچۇش يولىغا قوندى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايروپىلاننىڭ قونۇش جەريانىدا ئۇچقۇچىلار بۆلۈمىدە ئىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى يېڭى ئايرودۇرۇمدا، قاتناش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، ئۇچقۇچىلار ۋە ئايرودۇرۇم ئىشچىلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا، مۇراسىم ئەھلىگە سالام بەردى.

ئايرودۇرۇمدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايروپىلانىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پاژارنى خادىملىرى ئايرودۇرۇمغا تۇنجى بولۇپ قونغان ئايروپىلانغا سۇ پۈركۈش ئەنئەنىسى بويىچە كۈتۈۋالدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايروپىلانى ئىككى تەرەپتىن سۇ پۈركۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، كاتتا ئايرودۇرۇم ياساشنىڭ خۇشاللىقىنى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بارلىق ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرىنى، ئېنژېنېرلىرىدىن بىناكارلىرىغىچە بولغان ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان ھەممە كىشىلەرنى تەبرىكلەيمەن. ھەقىقەتەنمۇ ئۇچۇش يوللىرى، چىراغلىرى، بىنالىرى بىلەن ناھايىتى كاتتا ئايرودۇرۇمغا ئىگە بولدۇق. خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىز ھەمدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئايرودۇرۇمىمىزنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن، خەلقىمگە چىن قەلبىمدىن چوڭقۇر سالام يوللايمەن."

ئايرودۇرۇمىنىڭ 1- قىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى بولغان 29-ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا، كۈنلۈكى 3500 قېتىم ئۇچۇش-قونۇش ئىمكانىيىتى، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۈندىلىك پائالىيەت مەيدانى، 25 مىڭ ئاپتوموبىل سىغىدىغان گەرەژ، 42 كىلومېتىرلىك يۈك-تاق سىستېمىسى، 143 يولۇچىلار كۆۋرۈكى، 5.5 مىليون توننا يۈك توشۇش سىغىمچانلىقى، 62 كىلومېتىرلىق بىخەتەرلىك چەمبىرىگە ئىگە.

ئايرودۇرۇمنىڭ 73 مىليارد لىرالىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە 225 مىڭ كىشىگە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر