تۈركىيە «F-35» تىپلىق تۇنجى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى بايقالماسلىق ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق رادار سىستېمىسىغا ئىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۈكسەك تېخنىكىلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بولغان «F-35» تىپلىق تۇنجى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى « Lockheed Martin» بازىسىدا تۈركىيەمۇ لايىھە شېرىكى ھېسابلىنىدىغان «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى دائىرىسىدە، تۈركىيەگە تۇنجى ئايروپىلاننى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىكى ۋەكىللىرى، لايىھەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈركىيە شىركەتلىرى ۋە « Lockheed Martin» بازىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى قاتناشتى.
تاپشۇرۇپ ئېلىنغان «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ قورال سىېستىمىسغا قوشۇلغان 5 ـ ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
تاپشۇرۇپ ئېلىنغان «18-0001 » قۇيرۇق نومۇرلۇق «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ئۇچقۇچىلىرى تەربىيەلىنىش ئۈچۈن ئارىزونا ئىشتاتىدىكى لۇكە ئايرودۇرۇمىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان بولدى.
بۇ تۇنجى ئايروپىلاندىن كېيىنكى 2 ـ ئايروپىلان ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە 3 ـ ۋە 4 ـ ئايروپىلانلار بولسا، 2019 ـ يىلى مارت ئېيىدا تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەلىم ـ تەربىيەسى ئاخىرىلاشقانغا قەدەر بۇ ئايروپىلانلار ئامېرىكىدا تۇرىدۇ.
تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدىغان 5 ـ ۋە 6 ـ ئايروپىلانلار بولسا، 2019 ـ يىلى ياسالغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تۈركىيەگە يوللىنىلىدۇ.
بايقالماسلىق ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق رادار سىستېمىسىغا ئىگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە بىر قانچىلىغان يىل ئىچىدە بۇ ئايروپىلاندىن 100 دانە سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا.
«F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساش پىروگراممىسى 1999 ـ يىلى باشلانغاندىن بۇيان، تۈركىيە بۇ پىروگراممىدا ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى سمەسلىھەتچىلىكى ئايروپىلاننىڭ ياسىلىشىدا ئاكتىپ رول ئېلىپ كەلمەكتە.