تۈركىيە ئانتاراكتىكاغا ئىلىم – پەن مەركىزى قۇرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئانتاراكتىكاغا ئىلىم – پەن مەركىزى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

993795
تۈركىيە ئانتاراكتىكاغا ئىلىم – پەن مەركىزى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «2019 – يىلى ئانتاراكتىكاغا ئىلىم – پەن مەركىزى قۇرىمىز. تۈركىيە بۇ ئىلىم – پەن مەركىزى سايىسىدا دۇنيا بويىچە ئانتاراكتىكا توغرۇلۇق سۆزى ئۆتىدىغان 30 دۆلەتتىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەمدى ۋاقىت ئۇلۇغۋار نىشانلارغا يېتىپ، تۈركىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋاقتىدۇر.»

ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە «ئانتاراكتىكاغا ئىلىم - پەن مەركىزى قۇرىمىز» دېگەن تېمىدا ھەمبەھىرلەشكەن ۋىدېئودا، تۈركىيەدىن 40 ئالىمنىڭ  ئانتاراكتىكارغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، ئانتاراكتىكا كېلىشىمى (مادرىد كېلىشىم لايىھەسى) نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات شىركىتى تەرىپىدىن «قۇتۇق چاقىرىق مەركىزى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر