ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن شانلىئۇرفانىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدە سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم خەلىل يىلدىز ۋە ئۇنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيى

992928
ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىمىز چوقۇم تېپىپ چىقىپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىدۇ.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ساقچىلىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغۇچىلار ياكى گۇماندارلار بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ  قول چوماقچىلىرى ئىكەن.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ مۇنداق دېدى: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە ئاق پارتىيەلىكلەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، تېررورچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قول چوماقچىلىرىغا مەيداننى بوش قالدۇرمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنىڭ چوقۇم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئادالەت ئالدىدا تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئالدىن پىلانلانغانلىقى مەلۇم بولغان ھۇجۇمنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھۇجۇمنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ماھىر ئۈنال، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سۇرۇچتىكى پارتىيە مەنسۇپلىرىمىز ۋە سايلىغۇچىلىرىمىزنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىمەن.»

شانلىئۇرفانىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدە سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەنسۇپلىرى تۈنۈگۈن قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شانلىئۇرفا پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم خەلىل يىلدىزنىڭ قېرىندىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 كىشى يارىلانغانىدى.

ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار نۇرغۇن كىشىنى قولغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر