چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتتە نۇرغۇن تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 12 – ئىيۇن كۈنى ئىراقنىڭ قەندىل رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشانلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 26 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

992906
چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتتە نۇرغۇن تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى ئىراقنىڭ قەندىل رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئاتالمىش رايون مەسئۇللىرىدىن بىرىمۇ بار بولغان نىشانلارغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 26 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

تۈنۈگۈن ھاققارىنىڭ چۇقۇرجا رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان قوراللىق 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، 13 ئىيۇن كۈنى تۇنجەلى رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكى» دىكى فەرھات دەرسىم تەخەللۇسلۇق ئەرتان ئەرول ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر