ئەردوغان: قاندىلغا كەلگەن نۆۋەت سىنجارغىمۇ كېلىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەقەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ قاندىل رايونىدا ئۇۋا تۇتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەت نۆۋىتىنىڭ سىنجارغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

990988
ئەردوغان: قاندىلغا كەلگەن نۆۋەت سىنجارغىمۇ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ تۈركىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ 20 ئايروپىلان بىلەن پ  ك ك  نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "بۇلار ئادەتتىكى نۇقتىلار ئەمەس. سىنجار قاندىلغا ئوخشايدىغان جايدۇر" دېدى ۋە ھەر قاچان سىنجاردىمۇ تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەت مەسىلىسىدە، ئىران بىلەن ئۇچرىشىشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د-ي پ گ ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

"ھازىر ئافرىندا 4600 دىن ئارتۇق تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلدۇق، خەلقىمىزنى بىئارام قىلغان قانچىلىك تېررورىست بولسا، ئەڭ ئاخىرقى تېررورىست يوقالغىچە، بىز بۇ ئىشنى داۋام قىلىمىز."

ئۇ ئامېرىكانىڭ مۇنبىچ توغرىسىدا تېررورىستلارغا بەرگەن قوراللارنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى ۋە پ ي د-ي پ گ تېررورىستلىرىنى رايوندىن چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلار ئۈستىدە توختالدى ۋە: "ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ قانچىلىك سەمىمىي بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن" دېدى.

ئۇ: "بۇندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق دېگەن. ئەمدى بۇنى كۆرىمىز، ۋاقىت بېرىلدى، بۇ ۋاقىت ئىچىدە تېررورىستلار فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرۈلسە، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. چۈنكى مۇنبىچتە %95-90 ئەرەب بار. پ ي د-ي پ گ بۇ يەردىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا قايتىدۇ. ئاندىن كۆرۈشۈش ۋە باسىدىغان قەدەملىرىمىزنى ئويلىشىمىز. ھازىر، بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىىۋاتىدۇ" دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان "S-400" باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىدىن بىئارام بولۇپ، تۈركىيەگە "F-35" ئايروپىلانلىرىنى تاپشۇرۇشتا بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تارقالغان گەپ-سۆزلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" F-35توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرى بار، چۈنكى بىز 800 مىليون دوللار تۆلىدۇق. بۇ كېلىشىم بويىچە بىز تۆلىشىمىز كېرەك بولغان مىقدار. ئەگەر يەنە بىزگە بۇ توغرىدا خاتا قىلسا، بۇ دۇنيادا خەلقئارالىق قانۇن بار، قانۇندا نېمە دېيىلگەن بولسا، شۇ بويىچە ئىش قىلىمىز. S-400 لەرنى سېتىۋېلىپ ئامبارغا قويالمايمىز، بىز S-400 لەرنى پۇرسىتى كەلگەندە ئىشلىتىمىز.  بۇلار مۇداپىئە سىستېمىلىرى. شۇڭا، بۇلارنى ئىشلەتمەي نېمە قىلىمىز؟ يەنە ئامېرىكانىڭ قولىغا قارامدۇق؟ يىللاردىن بۇيان ئۇلاردىن تەلەپ قىلغىنىمىزدا <كونگرە رۇخسەت بەرمىدى> دېگەن جاۋابنى بەردى. بىز ئەمدى زېرىكتۇق، ھازىر رۇسىيە تەكلىپىمىزگە ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق تەكلىپ بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ھەتتا، ياساش جەريانىغىمۇ بىرلىكتە قوشۇلىشىمىز مۇمكىن، دېدى. كرىدېت ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان شەرتلەرنى بىزگە سۇندى، بىز ھازىر، بۇ جەرياننى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز."

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋستىرىيەدە جامەلەرنىڭ تاقىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇنىڭ ھىلال-كىرېست ئۇرۇشىنى قايتىدىن باشلاش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە كېلىشىمى بارلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: "ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىمىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن قانداقسىگە بۇنداق تەتۈرلۈك قىلىسەن؟ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىلگە بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەڭلار، دەپ چاقىرىق قىلدىم. 24-ئىيۇن تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى بۇنداق ئىشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر