تۈركىيە ئارمىيەسى قاندىلدىكى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى بۈگۈن كېچە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاندىل ۋە سىنجار قاتارلىق رايونلاردىكى پ ك ك نۇقتىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

990918
تۈركىيە ئارمىيەسى قاندىلدىكى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 1 – ئىيۇندىن 8 – ئىيۇنغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، يەنە 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 34 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن كېچە ئېلىپ بارغان قاندىل ۋە سىنجار قاتارلىق ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىشانلارغا قاراتقان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق 12 نىشان يوقىتىپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قاندىل، سىنجار، ھاكۇرك ۋە ئاۋاشىن – باسيانغا قارىتىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىدە تۇرۇپ كۆزەتتى.

«قەتئىي ئىرادە بىلەن بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتكۈل تېررورچىلارغا ئامانسىز زەربە بېرىش ئارقىلىق بۇلارنى يوقىتىپ تاشلاش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېگەن گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،  «تۈركىيە ئارمىيەسى، ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن مىللەتنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدىدۇر ۋە دائىما ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە خەتەرگە قارشى پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭدىن قايتىش يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر