«تېررورچىلار نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ئىزچىل داۋاملىشىدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىغا ئورۇنلىشىۋالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

990899
«تېررورچىلار نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ئىزچىل داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «نەق مەيدان» پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ھەم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز چېگرالىرىمىزنىڭ سىرتىدا دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان، خەلقىمىزگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ جانلىرى ھەم مال – مۈلۈكلىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىشتۇر. نۆۋەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك شىمالىي ئىراق چېگرالىرىدا دۆلىتىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى  يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىدىمۇ ئوخشاش تەھدىت ئوتتۇرىغا چىققان تەقدىردە، بىزنىڭ ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش ھوقۇقىمىز باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر