چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ ئىرادىسى قەتئىي

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

989140
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ ئىرادىسى قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئوت ئۆچۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۇۋا ياسىۋالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د/ي پ گ گە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چېگرا رايونىمىزنىڭ سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش ئارقىلىق رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق، دەرۋەقە، شۇنداق قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ئىدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مۇنبىچ رايونىنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن يول خەرىتىسى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ رايوندىمۇ مۇقىملىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بۇ رايونغىمۇ قايتىشقا باشلايدۇ.»

سۆزىدە، ئىراقنىڭ  شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئۇ جايلارغا بېرىپ، شۇ يەرلەرگە ئورۇنلىشىۋالغان تېررورچىلارنى تازىلىمىساق، ئۇلار ئەتە – ئۆگۈن بىزنىڭ تېرروتېرىيەمىزگە سوقۇنۇپ كىرىپ، بىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر