دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جانىقلى ئەنگلىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك كەسپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىللىئامسون ۋە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پارلى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

988662
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جانىقلى ئەنگلىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك كەسپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جانىقلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ناتو قارارگاھىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە  ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىللىئامسون بىلەن كۆرۈشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئولتۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان مىنىستىر جانىقلى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئاندىن  فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پارلى بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر