بىر ھەپتە ئىچىدە 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
985143

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتغا ئاساسلانغاندا، 28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت ئىچىدە 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە 3 ۋىلايەتتە تېررورچىلارغا تەۋە 12 قونالغۇ، ئىسكىلات ۋە غار ۋەيران قىلىندى.
ھەربىي ھەرىكەتلەردە يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلگەندىن سىرت، 1 توننا ئېغىرلىقتىكى قول قومبىسى بىتچىت قىلىندى.