باش مىنىستىر  يىلدىرىم بۇلغارىيە باش مىنىستىرىغا تەكلىپ سۇندى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋنى ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.

984349
باش مىنىستىر  يىلدىرىم بۇلغارىيە باش مىنىستىرىغا تەكلىپ سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى 12 – ئىيۇن كۈنى ئەسكىشەھردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان، بويكو بورىسوۋمۇ بۇ تەكلىپتىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە مۇراسىمغا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر دەسلەپكى پۇرسەتتە بىر يەرگە جەم بولۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر