دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىلدى.

982634
دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلدى.

3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا ئەگە ۋە ئاق دېڭىزدا سادىر بولىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىغا تۈركىيەنىڭ  قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىلغان باياناتتا، قۇددۇسنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە سالاھىيىتىگە زىيان بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى:« تۈركىيە پەلەستىن داۋاسىغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر