چەت ئەللەردە بېلەت تاشلاش ۋاقتى ئېلان قىلىندى
24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى 7-ئىيۇن بېلەت تاشلاشنى باشلايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىك كۆتىكىدە ئىسمى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى 60 دۆلەت ۋە 123 ۋاكالەتخانىدا تەسىس قىلىنىدىغان سايلام ساندۇقىغا 19-ئىيۇنغىچە ئاۋاز تاشلىيالايدۇ. چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاۋاز بېرىش ئىشلىرى 7-ئىيۇن باشلىنىپ، 24-ئىيۇندا ئاخىرلىشىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاۋاز بېرىش ۋاقىتلىرى تۆۋەندىكىچە:
گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە: 19-7-ئىيۇنغىچە
ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ: 17-9-ئىيۇنغىچە
دانىيە: 19-9-ئىيۇنغىچە
نورۋېگىيە: 19-14-ئىيۇنغىچە
ئىتالىيە، تۈركمەنىستان: 17-15-ئىيۇنغىچە
بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە: 19-15-ئىيۇنغىچە
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، كانادا، بۇلغارىيە: 18-16-ئىيۇنغىچە
ئەنگلىيە: 19-16-ئىيۇنغىچە
خىتاي، رۇسىيە، رۇمېنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، گىرېتسىيە، لىۋان، ئىسىرائىلىيە، ئۇكرائىنا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ئالجىرىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، سۇدان: 17-16-ئىيۇنغىچە
ئەزەربەيجان، ئالبانىيە، ئىراق، ئىران، ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە، مىسىر، مالتا، ئۆزبېكستان، سېربىيە، چېخىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، جەنۇبىي ئافرىقا، گىرۇزىيە، ياپونىيە، كوسوۋۇ، كۈۋەيت، مولدوۋا، سىنگاپور، تايلاند: 17-ئىيۇن
ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاشلانغان ئاۋازلار بۇرۇنقى سايلاملاردا بولغىنىدەك، ئايروپىلان ياكى دىپلوماتىك يول بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. 24-ئىيۇن تۈركىيەدە سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سانىلىدۇ.