ئەمىنە ئەردوغان: «20 – ئەسىر ئافرىقىغا نىسبەتەن قولدىن كەتكەن بىر ئەسىر بولدى»

ئەمىنە ئەردوغان: «20 - ئەسىر ئافرىقىغا نىسبەتەن قولدىن كەتكەن بىر ئەسىر بولدى. ئىشىنىمىزدىكى 21 – ئەسىر ئىكىسپالاتاتسىيەنىڭ ئىزلىرى ئۆچكەن بىر ئافرىقا ئەسىرى بولغاي» دېدى.

979316
ئەمىنە ئەردوغان: «20 – ئەسىر ئافرىقىغا نىسبەتەن قولدىن كەتكەن بىر ئەسىر بولدى»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 20ئەسىرنىڭ ئافرىقىغا نىسبەتەن قولدىن كەتكەن بىر ئەسىر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئومىنە ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىن تارقاتقان ئۇچىرىدا، 25ماي ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئافرىقىلىق دوستلىرىنى ۋە پۈتۈن ئافرىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەمىنە ئەردوغان: «20 - ئەسىر ئافرىقىغا نىسبەتەن قولدىن كەتكەن بىر ئەسىر بولدى. ئىشىنىمىزدىكى 21ئەسىر ئىكىسپالاتاتسىيەنىڭ ئىزلىرى ئۆچكەن بىر ئافرىقا ئەسىرى بولغاي» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان 2016يىلى ئەنقەرەدە ئېچىلىغان ئافرىقا قول ھۆنەر سەنئەتلىرى ۋە كۈلتۈر ئۆيىدە، ئافرىقىلىق ئاياللارنىڭ قول ھۆنەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدا ئېلىنماي سېتىلىۋاتقانلىقىنى، قولغا كەلگەن كىرىمنىڭمۇ يەنە شۇلارغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئافرىقىلىق ئاياللارغا دوستلۇق سوۋغىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچرىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە قىلغان ئافرىقا ساياھەتلىرىدە شۇنداقلا ئافرىقا قول ھۆنەر سەنئەتلىرى ۋە كۈلتۈر ئۆيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن رەسىملىرىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر