ئەردوغان ت ر ت سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان فىرانسىيە ئەسكەرلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

977774
ئەردوغان ت ر ت سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ت ر ت نىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇنبىچقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروندىن تېلېفوندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بۈگۈن – ئەتە ئىچىدە تېلېفوندا كۆرۈشىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بۇ خىل ئىشلار پات – پات بولۇپ تۇرىدۇ، نۆۋەتتە سايلام ئالدىراشچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېلېفون دىپلوماتىيەسى توختىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ۋاقتىدا كۆرۈشۈش ئىمكانىيەتلىرى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇدۇسقا يۆتكىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قەتلىئام يۈرگۈزگەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، «ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارى قىممىتى يوق بىر قارار. ئامېرىكا گويا ئېتىبارىنى نۆلگە چۈشۈردى. دەرۋەقە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىزنىڭ يەمەن بىلەن بىرلىكتە تاشلىغان قەدىمىمىز نەتىجىسىدىكى بېلەت تاشلاشتا 128 دۆلەت رەت قىلىپ، 9 دانە مەن ئىسمىنى – جىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان دۆلەت؛ ئىككىىسى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قالغانلىرى بازار دۆلەتلىرىگە ئوخشاش (دۆلەتلەر) ئۇلارنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالدى. دېمەككى، دۇنيادا بۇلارنى قوبۇل قىلىدىغانلار يوق. <مېنىڭ پۇلۇم، كۈچۈم بار>، دېمەك بۇ پۇل ۋە كۈچ بىلەن <سىلەرنى بويسۇندۇرىمەن، دېگىنىمنى قىلغۇزىمەن> دەيدىغان ئىش يوق، ئۇنداق قىلدۇرالمايسەن. قىلدۇرالمىدىڭ، ھېچكىم سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىدى. بۇ يەردە ئەلچىلىكىڭنى ئۇ يەردە كۆچۈردۈڭ، كۆچۈرسەڭ نېمە بولىدۇ؟ ئېنىقكى، پەلەستىننىڭ پايتەختى قۇدۇستۇر. بۇنى ھەممە بىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىككىلىنىش يوق. سەن قوبۇل قىل ياكى قىلما، پەلەستىننىڭ پايتەختى قۇدۇستۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر