تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمى ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

977394
تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمى ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى ناملىق يىغىندا سۆز قىلىپ، توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان پەقەت 6 دۆلەتتىلا 26 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كېڭەشنىڭ بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە ئوخشاش ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئۈمىدلەرنى ئورۇنداشتىن بەكلا يىراق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سىنىرلىئوغلۇ، «دۇنيانىڭ بۇ ئىككى رايونىدا بىز گۇۋاھ بولغان ب د ت  سىستېمىسىنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق قىممەت – قاراشلارنىڭ كۆرمەسكە سېلىنىشى ۋە خەلقئارا قانۇن – پىرىنسىىپلىرىنىڭ روشەن ھالەتتە دەپسەندە قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ھېچبىر شەكىلدە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. جازاسىز قېلىشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز ۋە ھەقىقىي مەنىدە ھېساب بېرىش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۇنيا مىقياسىدا 65 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت – ماكانىدىن، دۆلەتلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 22 مىليون 500 مىڭىنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن سىنىرلىئوغلۇ، توقۇنۇشلار تۈپەيلى ھەر مىنۇتتا 20 ئادەمنىڭ مەجبۇرىي يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پۇقرالارنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سىنىرلىئوغلۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەزى ئەزالىرى، تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارىتا ۋەدىلىرىدە تۇرمايۋاتىدۇ. بۇ تەھدىتلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئورتاق كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز لازىم. پۈتكۈل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاتالمىش <ئەھدىنامە> دەپ ئاتىۋېلىشقان ھەر تۈرلۈك كېلىشىملەرنى تۈزۈشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

سىنىرلىئوغلۇ، پۇقرالارنى قوغداشنىڭ ئاساسىي جاۋابكارلىقىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ يەلكىسىدە ئىكەنلىكىنى، بىراق دۆلەتلەر ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان ئەھۋاللاردا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنى قوغداشقا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ تىراگېدىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنسانىي كىرىزىسلاردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سۈرىيەگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەدىكى تىراگېدىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق تەسىرلىرىنى قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورتاقلىشىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر