تۈركىيە بايراقلىق F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا ساناقلىقلا كۈنلەر قالدى...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سېتىۋېلىنغان F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى؛ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى، تۈركىيە بايرىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تېكساستىكى بىر بازىدىن قوزغالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى. كۆرۈنۈشلەردە، ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق نومۇرى ۋە تۈركىيە بايرىقى دىققەتنى تارتتى.
تۈركىيە، تۇنجى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى 21 – ئىيۇندا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇچقۇچى تەلىملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىككىنچى ئايروپىلاننىڭ تاپشۇرۇلۇشىدىن كېيىن F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مالاتيادىكى 7 – نومۇرلۇق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاساسىي بازىسى قوماندانلىق مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ، 2019 – يىلى كۈز ئايلىرىدا تۈركىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشنى باشلايدۇ.
تۈركىيە يەنە، 2018 – يىلىدىن تارتىپ ياۋروپا رايونىدا F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئېغىر موتورلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىدۇ. بۇ ئىش، مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئىقتىسادقا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۇچۇر بىرىكمىسى ۋە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
100 دانە ئېلىش پىلانلىنىۋاتقان F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن دەسلەپكى باسقۇچتا 30 دانە سېتىۋېلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.