جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مادۇرونى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىكولاس مادۇروغا تېلېفون قىلىپ قايتىدىن پىرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلدى.

976824
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مادۇرونى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېزۇئېلان پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا تېلېفون قىلىپ قايتىدىن پىرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلادا 20-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىلا ئۇتۇپ چىققان مادۇرونى قايتىدىن پىرېزىدېنلتىققا سايلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن مادۇرو، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك خەلقىگە سالام يوللىدى.

ئىككى رەھبەر تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر