ئەردوغان: دۇنيا يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار زىياپىتىدە، پۈتكۈل دۇنيانىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

976219
ئەردوغان: دۇنيا يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ھەمدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيە مەركىزىدە بېرىلگەن "ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار زىياپىتى" دە سۆز قىلدى. ئۇ ئومۇمىي ئېقىم يۈزلىنىشىنى ئاساس قىلغان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئەسىر ئېلىۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بولۇپمۇ دۇنياۋى تىنچلىققا زىيان بەرگەن ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تاشقى سىياسەت قارىشىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىرسى <ئىران يادرو كېلىشىمى> ۋە <قۇددۇس مەسىلىسىدە بېسىلغان قەدەم> دۇر."

ئۇ تۈركىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىشنى ئاخىرغىچە قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "ھەممە دۆلەتنىڭ بۇنىڭدا ھەققى بار دەپ ئويلايمىز، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى بۇ يولدىن قامداشنى خالىغان دۆلەتنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا، ھەممە كىشى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك دەپ ئىشىنىمىز" دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

"دۇنيادىكى 31 دۆلەتتە بار بولغان 450 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىز ئۈچۈن قانداق تەھدىت بولمىسا، قاتتىق تەكشۈرۈلگەن مۇددەتتە باشقىلارنىڭمۇ تەھدىت بولمايدۇ. دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەسلى تەھدىت يادرو قوراللىرىدۇر. ئوتتۇرا شەرق ئالدى بىلەن بۇ قوراللاردىن تازىلىنىشى كېرەك، گەپنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ دېگەندە، دۇنيا يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى كېرەك."

ئۇ قولىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق يادرو ئوق بېشى ساقلىغانلارنىڭ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "ئۇلار ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا بۇ قوراللارنى ئىشلەتكەن چاغدا، يادرو قورالى بولغان باشقا دۆلەتلەر نېمىشقا ئۇلارغا تەھدىت بولسۇن. ئەگەر ئادىل مۇئامىلە قىلساق، مەسىلىگە ئادىللىق بىلەن قارىساق، يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنگەن دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تەھدىت دەپ كۆرسىتىشىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئىشەنچىلىك ئورنى يوق. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىدە، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولىغا كىرگەن كىرىزىسلارنىڭ قايتىدىن كۆپتۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلمايمىز. ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىغا قارشى ئىمزا قويغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمگە سادىق بولىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىشىنى ئىنتايىن ئىجابىي دەپ قارايمىز" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر