تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاداققىچە داۋام قىلىدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

974962
تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاداققىچە داۋام قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمېرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈكئاكيۈز بىلەن بىرلىكتە شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاق بوران ناملىق مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلغان ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۆز قىلىپ، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز 365 كۈن ئوخشاش قەتئىيلىك ۋە ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىدۇ. مۇئەييەن بىر نۇقتىغا كېلىندى. غەيرىتىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تازىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان فىرات قالىقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن تازىلانغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، ئالدىنقى مەزگىللەردىكىدىنمۇ كۆپ ۋەزىپىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئورۇندالغانلىقىنى ئېيتتى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، يېقىنقى مەزگىللەردە ئەگە دېڭىزىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىمىزكى، بىز ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئىچىدە خەلقئارا قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە، ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىگە، دېڭىزچىلىك بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پائالىيەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز. ئاقدېڭىزدا، ئەگەدە بىر ۋەزىپە چىقىپ قالسا، ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىز ئۈچۈن، ئىككىلەنمەستىن ئورۇندايمىز. ھېچكىم چوتنى خاتا سوقۇپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە، قارادېڭىزدىكى ھەرىكەتلەرنىمۇ يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇ يەردىكى دوستلۇقنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ، تىنچ مۇھىتنىڭ، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە قىرغاقداش دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىمىز. ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر