ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى
19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنى.
974497
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىسلىسىز رەھبەر « ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
ئازادلىق ئۇرۇشىنى غالىبىيەت مەنزىلگاھىغا يەتكۈزگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسىمىز بولدى. زامانىۋىلاشقان بىر مىللەتكە ئايلىنىش يولىدا ياشلارنىڭ ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر ۋە تالانت ئىگىلىرىدىن بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈن بەلگىلەپ بېرىش مەقسىتىدە 19 – ماي كۈنى «مىللىي بايرام» قىلىپ بېكىتىلدى.
بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك مۇراسىملاردا ھەم ئاتاتۈرك خاتىرىلەنمەكتە ھەم ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.