19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

19 – ماي مىسلىسىز رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋە چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىمىزدا قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە.

974510
19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن مىسلىسىز رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ سامغۇنغا يېتىپ بېرىپ، مىللىي  كۈرەشنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنىڭ 99 – يىللىقى بولۇپ، پايتەخت ئەنقەرەدىكى مۇراسىملارنىڭ تۇنجى ئادرېسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى بولدى. ياشلار ۋە تەتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسمان ئاشقىن باق، 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار، تەنتەربىيەچىلەر، خەلق ئويۇنلىرى ئۆمەكلىرى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر  بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەت ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھۆرمەتتە تۇردى. مىنىستىر  ئوسمان ئاشقىن باق، ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كېيىن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: « ئاتاتۈرك ئالىيلىرى!  سىز 1919 – يىلى 19 – ماي كۈنى سامغۇنغا يېتىپ بېرىپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن مۇستەقىللىق كۈرىشى، تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر. شۇ كۈنى سىز سامسۇندا ياققان مۇستەقىللىق مەشئېلى ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە تۇنجى كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا چەكسىز ئىشقى – مۇھەببەت بىلەن ئۈزلۈكسىز يانماقتا. تۈنۈگۈنكى ۋەتەننى  دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  كۈرەشكە ئاتلانغان ياشلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا، بۈگۈن ئوخشاش روھ بىلەن قوراللانغان جەڭگىۋار ۋە ۋەتەنپەرۋەر ياشلار ۋارىسلىق قىلماقتا. سىز كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ، تۈركىيەنى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ياشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  ئۈزلۈكسىز  كۈرەش قىلىۋاتىمىز. سىزنىڭ ياشلارغا ھەدىيەڭىز بولغان 19 – ماي  ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، سىزنى ۋە پۈتكۈل قەھرىمانلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز. ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي!»

81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى زىيارەت قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بېرىلىدىغان ئىپتار زىياپىتىدىمۇ ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك مۇراسىملار ھەم پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر