ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو بىلەن يېڭى كېلىشىم ئىمزالىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو تېلېكامېرا ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

973707
ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو بىلەن يېڭى كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تېلېكامېرا ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

رەجەپ تايىيىپ ئەردوغان: "ۋېنېزۇئېلا بىلەن 2016-يىلىدا 83 مىليون دوللار بولغان سودا ئومۇمىي سوممىمىزنىڭ 2017-يىلىدا 154 مىليون دوللارغا چىقىشى ئىجابىي ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا سودا ئومۇمىي سوممىمىزنىڭ 500 مىليون دوللاردىن ئاشقانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ رەقەم يىل ئاخىرىغىچە 2 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ" دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېزۇئېلادا 20-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى ھەمدە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ سايلاملاردا مادۇروغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە 24-ئىيۇن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنى كېلەچەكتە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلىمىڭلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن" دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24-ئىيۇندىكى سايلاملاردىن ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۇتۇپ چىققان ئەھۋالدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مادۇرونىڭ 2017-يىلى 13-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۆزىنى ئىنتايىن خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ بۈگۈن (18-ماي) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ ئۆزلىرىنى باشقىچە خۇشال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو سۆزىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا كاراكاستىن سۆيگۈ ۋە سالاملىرىنى يەتكۈزۈشتىن باشلىدى. ئۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلىتىدە 20-ماي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان سايلام ئۈچۈن يەتكۈزگەن ياخشى تىلەكلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە: "يەكشەنبە كۈنى ۋېنېزۇئېلا خەلقى پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان شەكىلدە دېموكراتىيەنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ" دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئىزچىل دىيالوگ ھالىتىدە ئىكەنلىكلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلارنىڭ پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مادۇرو ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: "بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىمىزنى ئوچۇق بىلدۈرمەكچىمەن" دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

"بىز بىرلىكتە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى كېلىشىملەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئارىمىزىدىكى تېخنىكا، ئىقتىسادىي ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىمىزنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ، ئىلگىرىلىتىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇشىمىز لازىم. بۇ قېتىمقى تېلېكامېرا يىغىنى ئالدىمزدىكى كۈنلەردە تۈزىدىغان كېلىشىملىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ياردەمچى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر