ئەردوغان پاپا بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى پاپا فرانسىسكۇس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

973104
ئەردوغان پاپا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە، يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان قۇددۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە غەززەدە پەلەستىنلىك نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يىرىكچىلىكلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچ ساماۋى دىن ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھۇجۇملار ۋە يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ نومۇس قىلارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ 18-ماي تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىنى چاقىرىدىغانلىقىنى، ب د ت دىمۇ مەسىلىنى نازارەت قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىگە ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پاپا فرانسىسكۇس يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، تىنچلىق ئۈچۈن قۇددۇسنىڭ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پاپا فرانسىسكۇس بىگۇناھ كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قەستلەشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت باشچىلىقىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى" نى بىلدۈرگەن.

پاپا ئاخىرىدا، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر