ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىش

ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىش ۋە بۇ سۈركىلىشنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسەتكەن ئەكس تەسىرلىرى

971618
ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەگە دېڭىزى سۈركىلىشى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. گىرېتسىيەنىڭ (تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ۋە 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقانلىقى ئىسپاتلانغان) فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان ئەسكەرلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ھەمدە ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈزلەرچە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى باغرىغا بېسىشى نەتىجىسىدە يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يىرىكلىشىپ كەتتى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر گىرېتسىيەنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئاسالا، يېقىنقى مەزگىللەردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۈچۈن لاگېرلارنى قۇرۇپ بېرىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالانغا ياردەم بېرىشى ھېچ ئۇنتۇلمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۇ نۇقتىدا، ئاۋۋال گىرېتسىيە سوت مەھكىمىلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان قاچقۇن ئەسكەرلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان، بىراق، كېيىنچە سىياسىي پىلانلار ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىلگەن، دەپ قارالماقتا.

 بۇ باسقۇچتا، گېرمانىيەنىڭ پەردە ئارقىسىدا گىرېتسىيەگە يول كۆرسەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارمۇ ئوتتۇرىدا لەيلەپ يۈرمەكتە.

لېكىن، ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىگە، گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان باياناتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا بۇنداق ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشى، تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدە قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر گىرېتسىيە ئەسكىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،  دەپمۇ ئانالىز قىلىنماقتا.

بىراق، تۈركىيەگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي كۈچى بىلەن تۈركىيەگە تەھدىت سالالمايدىغانلىقى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بەش قولدەك ئايان. شۇنداقتىمۇ، گىرېتسىيە بۇ ھەرىكەتلەردىن ئۆز جامائەتچىلىكىگە قارىتا دىققەتلەرنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلىدۇ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، گىرېتسىيە «تۈركىيە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دەپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق «ياۋروپا ئىتتىپاقى تېرروتېرىيەسى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەندەك باھانە – سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىدىن قوشۇمچە ياردەمگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىندەك قىلىدۇ.

گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاممېنوس بولسا گىرېتسىيەنىڭ بۇ ئۈمىدىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، بۇ سۈركىلىش ھەرگىزمۇ گىرېتسىيە تەرەپكە پايدىلىق ئەمەس. چۈنكى، گىرېتسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، گىرېتسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا تېخىمۇ ئىلمىي ۋە مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئەگە دېڭىزىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلغان گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاممېنوس تۈركىيە ھەققىدە ئىغۋاگەرلەرچە «دۈشمەن» دەپ سۆز قىلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلىتىنىڭ ئەگە دېڭىزىدا تۇرۇشلۇق گىرېتسىيە قىسىملىرىغا زاپاس 3500 ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن «مەرىچ دەرياسى» ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسىگىمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە زاپاس 3500 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كاممېنوسنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن بۇ سۆزلىرىگە پەقەت تۈركىيە تاراتقۇلىرىلا ئەمەس، گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ كەڭ ئورۇن ئاجراتقانىدى. ھەتتا بۇ باياناتلار ئېلان قىلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدا گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ كاممېنوس بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭ مەزكۇر باياناتلىرى سەۋەبىدىن ئۇنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى دەۋالىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلغانىدى.

گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە تۈركىيە ئەگە دېڭىزىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانىدى. ئارقىدىنلا ئاتىنانىڭمۇ ئەگە دېڭىزىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىغۋاگەرلىك» دەپ قارالماقتا.

ئەگە دېڭىزىدىكى تۈركىيەگە ئائىت بولغان ئاراللارنىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدىن ئولتۇراق رايونغا ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئاخىرىدا بۇ ئاراللارنىڭ ئىشغال قىلىنىش باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كاممېنوسنى جاسارەتلەندۈرگەن، دېيىش مۇمكىن.

ئەسلىدە مەنتىققىمۇ، ئەقىلگىمۇ ئۇيغۇن بولغىنى، كاممېنوسنىڭ گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە ئائىت بولغان ئاراللارنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكى ۋە ئىغۋاگەرلەرچە ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىشىدۇر. چۈنكى، بۇنداق داۋاملاشقان تەقدىردە، گىرېتسىيەدە يېڭى بىر سىياسىي مۇقىمسىزلىق باسقۇچى باشلىنىدۇ.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشمەسلىكنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان سوئاللار بار. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ قورال – ياراغلاردىن خالىي بولۇشىغا تېگىشلىك ئاراللارنى داۋاملىق قوراللاندۇرۇش ھەرىكىتىدۇر.

ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىدا جاۋاب كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن مۇھىم سوئاللار بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى، ئەگە دېڭىزىدىكى ماترېك سۇپىسى مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىككى تەرەپنىڭ كومىتېتلىرى ئۇزۇن يىللار مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، مەسىلىنى ھېچ ھەل قىلالىغىنى يوق.

نۆۋەتتە گىرېتسىيە تەرەپنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىلگىرىكى مەسىلە بىلەن بىرلىكتە سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. يېقىندا چېگرا لىنىيەلىرىدىن ئۆتكەن تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن گىرېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشلىرىمۇ سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن يەنە بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.

بىرىنچىدىن، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان،

ئىككىنچىدىن، گىرېتسىيە 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ھەربىي خادىملار ۋە باشقا تۈركىيە پۇقرالىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن،

ئۈچىنچىدىن، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىكىدىكى ساھەلەرنى ئىشلىتىپ، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن،

تۆتىنچىدىن، گىرېتسىيە قوراللىق قىسىملىرى ئەگە دېڭىزىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرىنى تەرك ئەتكەندىلا، ئاندىن، ئەگە دېڭىزىدىكى سۈركىلىشنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر