باش مىنىستىر يىلدىرىم باڭلادېش، ماراكەش، پاكىستان، قاتار باش مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
يىلدىرىم، باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخە ھەسىنە، ماراكەش باش مىنىستىرى سادەددىن، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد ئابباسى، قاتار باش مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن ناسىر خەلىفە ئالسانى ۋە ئالجىرىيە باش مىنىستىرى ئەھمەد ئۇيەھيا قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم باڭلادېش، ماراكەش، پاكىستان، قاتار ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، بەش رەھبەرنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇلارنى پەلەسىتنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن ۋەھشىيلىكلەر دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. بەش رەھبەر ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ يۇقىرى رەھبەر سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىش توغرۇلۇق ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغان، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.