تۈركىيە پەلەستىن ئۈچۈن دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە پەلەستىندە يۈز بەرگەن قەتلىئام سەۋەبىدىن خەلقئارادا دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.

971360
تۈركىيە پەلەستىن ئۈچۈن دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قىرغىن قىلىشىدىن كېيىن دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ۋە غەززە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەس سافەدى، ھىندېنوزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف بىن ئەھمەد ئەل ئۇسەيمىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى تۈنۈگۈن قۇددۇسقا رەسمىي يۆتكىشى رايوندا سۈركىلىشكە سەۋەب بولدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقان 59 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، 2770 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان زوراۋانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە، شېھىت پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر