بىنالى يىلدىرىم ئەرمېنىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەرمېنىيە تۈركىيەگە بولغان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچسە، ئۇنىڭغا ئاساسەن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

968922
بىنالى يىلدىرىم ئەرمېنىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرمېنىيە ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئېيتقان "تۈركىيە بىلەن شەرتسىز ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا تەييارمىز" دېگەن سۆزلەرگە قارىتا مۇنداق دېدى:

"ئەلۋەتتە، ئەرمېنىيە يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە قارشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىدىن ۋە  تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەمدە چېگرالىرىغا بولغان خاتا پوزىتسىيەلىرىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى بەت ئېچىشنى خالىسا، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بېرىمىز. بىز ھېچكىم بىلەن، بولۇپمۇ مۇھىمى قوشنىلىرىمىز بىلەن ئاداۋەت ئىچىدە ياشاشنى خالىمايمىز. مۇنداق ئارزۇ بولسا، ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارىتا قاراپ چىقىمىز."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر