ئىزمىر بىلەن چاناققەلئەدە قانۇنسىز چېگرا ئاتلىماقچى بولغان مۇساپىرلار تۇتۇلدى

ئىزمىر بىلەن چاناققەلئەدە قانۇنسىز يوللار بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە كەتمەكچى بولغان 195 مۇساپىر تۇتۇلدى.

968263
ئىزمىر بىلەن چاناققەلئەدە قانۇنسىز چېگرا ئاتلىماقچى بولغان مۇساپىرلار تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيە چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان 96 مۇساپىر تۇتۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى دىكىلى گۈۋەرجىن ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يەل قولۋاقتا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقان بىر توپ كۆچمەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋە قولۋاقتىكى 75 مۇساپىرنى تۇتۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان.

كاباكۇم ناھىيەسى ساھىلىدا بولسا،  21 كۆچمەن قولۋاق بىلەن دېڭىزغا چۈشۈش ئالدىدا تۇتۇلغان. ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بولغان جەمئىي 96 مۇساپىر، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ئىزمىر كۆچ ئىدارىسى مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن.

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدىمۇ قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 99 مۇساپىر تۇتۇلغان. ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى تاپشۇرۇۋالغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بادەملى يېزىسى ئاجىدەرە ساھىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستانلىق 42 مۇساپىر تۇتۇلغان، ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى بايقالغان بىر كىشى قولغا ئېلىنغان.

ئەرەمىت قولتۇقىدا چارلاۋاتقان ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى بولسا، مىھلى دېڭىز تەۋەلىكىدە مىدىللى ئارىلىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر يەل قولۋاقنى بايقىغان ۋە قولۋاقتىكى 57 سۈرىيەلىك مۇساپىرنى تۇتقان. كۈچۈككۇيۇ ساھىل ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنگەن مۇساپىرلارغا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك تارقىتىپ بېرىلگەن. جەمئىي تۇتۇلغان 99 مۇساپىر رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، ئايۋاجىكتىكى چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر