جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى.

964401
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈرك تىلىدا مۇنۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلغانىدى: «دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، گەرچە تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە بىر - بىرىدىن ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لېكىن، ئورتاق ھېس – تۇيغۇلار جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغان <قېرىنداش دۆلەتلەر> دۇر. ئىككى <قېرىنداش دۆلەت> مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەبەدىي تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئېسەنلىك تىلەيمەن.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ بۇ  ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى، ھەمدە ئىنكاس قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر