«تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن پەقەت ماددىي مەنپەئەتلەرنىلا كۆزلىمەيدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلەردىن پەقەت ماددىي مەنپەئەتلەرنىلا كۆزلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

961733
«تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن پەقەت ماددىي مەنپەئەتلەرنىلا كۆزلىمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئۆزبېكىستان EXPO مەركىزىدە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە – ئۆزبېكىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۆزبېك ۋە تۈرك سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلدى.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى باغرىغا بېسىۋاتقان كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ۋە سانائەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارغا، مول تەبىئىي بايلىقلارغا، ئۆزىگە خاس سېلىنما ساھەلىرىگە ئىگە قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ۋە ئافغانىستانغا قوشنا بىردىنبىر دۆلەت بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئورنىنىڭمۇ مۇھىم ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىشىنىڭ ۋە ئۆزبېكىستان بايرىقىنىڭ كۆكتە لەرزان لەپىلدىشىنىڭ تۈركىيەدە تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستان جمھۇرىيىتىنى تۇنجى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ  مۇستەقىللىقتىن كېيىن يولغا قويغان مىللىي سىياسەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى، ھەمدە تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنقەرەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈرك شىركەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان لايىھەلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا. فەرغانە ۋە بۇخارادىكى  نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى، يېڭىلانغان ئايرودۇرۇم، تېرمىناللار، دەسلەپكى شېكەر  ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ مېۋىلىرى ھېسابلىنىدۇ.»

ئەردوغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەم ھەمكارلىقىنىڭ  ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ 2017 – يىلى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىدىغان كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يۈكسەلدۈرۈلگەلىكىنى، بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقىمىزنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مىخانىزمنى ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئايلاندۇرۇۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە 17 -، ياۋروپا بويىچە 6 – چوڭ  ئىقتىسادىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، 81 مىليون نوپۇسى ۋە 390 مىليارد دوللارلىق تاشقى سودا ھەجمى بىلەن تۈركىيەنىڭ ناھايىتى چوڭ بازار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 250 ھۆددىگەرلەر شىركەتلىرى تىزىملىكىگە 2016 – يىلى 46 تۈرك شىركىتىنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك سودا – سانائەتچىلەرگە تۇتۇۋاتقان ئىجابىي پوزىتسىيەسى، ئىش ۋە سېلىنما پۇرسەتلىرى يارىتىپ بېرىشىنىڭ ئۆزبېكىستاننى تېخىمۇ جەزبىدارلىق ۋە ئىشەنچىلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزبېكىستانغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەم ئىستانبۇل – سەمەرقەند ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىشى، تۈركىيە خەلقى بىلەن ئۆزبېكىستان خەلقىنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا.»

ئۆزبېكىستاننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورت ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلارغا يېڭىلىرىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ساياھەت، قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق، تېرىچىلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەلىرىدىكى يېڭى ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ھەر جەھەتتىن ئىزچىل ئورتاق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر