«تۈركىيە بىلەن خىتاي بىر-بىرىنى چۈشەنگەنسېرى ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ»

خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

956087
«تۈركىيە بىلەن خىتاي بىر-بىرىنى چۈشەنگەنسېرى ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خىتاي بىلەن نۇرغۇن ساھەدە ئورتاق لايىھە ۋۇجۇدقا چىقىرىش شارائىتىگە ئىگە.

شاڭخەي تىياتىرخانىسىدا« 2018 ساياھەت يىلى » مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت پائالىيىتىگە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى  نۇمان كۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن، ئەلچىخانا خادىملىرى بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

مىنىستىر كۇرتۇلمۇش 2018-يىلىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن مۇقەددىمە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيە بىلەن خىتاي جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بىر-بىرىدىن تولىمۇ يىراقتا بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە نۇرغۇن ساھەدە ئورتاق لايىھە ۋۇجۇدقا چىقىرىش شارائىتىگە ئىگە»دېگەن نۇمان كۇرتۇلمۇش، ئاسىيانىڭ غەربىدە بولغان تۈركىيە بىلەن شەرقىدە بولغان خىتاينىڭ تارىخىي يىپەك يولى نۇقتىسىدىنمۇ ئىككى مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كۇرتۇلمۇش يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول»ئسىتىراتېگىيەسى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇرتۇلمۇش جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە يىراقتا بولسىمۇ خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ساھەدە ئورتاق مەنپەئەتنى بارلىقىنى  تەكىتلەپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى چۈشەنگەنسېرى ئارىلىقىمىزدىكى بۇ ئۇزاقلىقنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

«2018 تۈركىيە ساياھەت يىلى»مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە 60دىن ئارتۇق پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان كۇرتۇلمۇش، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ بىرى-بىرىگە يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇرتۇلمۇش مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى بولغان تۈركىيەنىڭ تىرۇۋادىن ئوسمانلىغىچە بولۇپ جەمئىي 25 چوڭ مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئانادولۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ «تىرويا»ناملىق سەنئەت پائالىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

مىنىستىر كۇرتۇلمۇشنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئانادولۇ سەنئەت ئۆمىكى ئارتىسلىرى ئورۇندىغان «تىرويا»ناملىق ئۇسۇل تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر