ئافرىندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئافرىن رايونىدىكى ئاختۇرۇشلار جەريانىدا، سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
955367
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئافرىندا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدە، 19-ئاپرېل ئافرىندا ئىجرا قىلىنغان ئاختۇرۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا، سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«بىزنى چوڭقۇر دەرتكە ۋە قايغۇغا بوغقان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، شېھىتىمىزنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇلۇغ تۈرك خەلقىگە سەۋر تىلەيمىز.»